美文网首页
سېغىنىش

سېغىنىش

作者: Mavlan写出你的心声 | 来源:发表于2017-01-12 04:18 被阅读0次
    سېغىنىش

    گۆردىن جىمجىت يەنە بىر كىچە

    ئاي كۆرۈنمەس يۇلتۇزلار غەمكىن

    ۋىناس ئوينار قار بىلەن شامال

    كوچىلاردا چىراقلار تەمكىن


    شېرىن چۈشكە  شۇڭغىدى ھەممە

    ئەمما  ئۇيقۇ   كۆزۈمدە    ھارام.

    سېغىنىشتا   تولغىنار    يۈرەك.

    ئەسلىمىدە    پىژىلدار    يارام

    خىياللىرىم بولۇپ پايانداز

    ئىستانبۇلغا ئاپىرىپ تاشلار

    شېئىر يازغان قەغەزلىرىمنى

    گۈرۈلدىتىپ كۆيدۈرەر ياشلار


    سۆيۈپ گۈلنىڭ نازۇك بەرگىگە

    شاماللارغا تاپشۇردۇم ئۇنى

    لەۋلىرىڭگە تەگسۇن شۇ ياپراق

    مېنىڭ لېۋىم دەپ بىلگىن  بۇنى

      خوتەن   12يانۋار

    كىچە  سائەت  2:18

    مەۋلان مەتروزى

    相关文章

      网友评论

          本文标题:سېغىنىش

          本文链接:https://www.haomeiwen.com/subject/askdbttx.html